لى چياڭ يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2024.05.22 11:40 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك يەرلىك پارتكوم پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى مۇدىرلىرى يىغىنى 21-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى چياڭ يېقىندا يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2023-يىلىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم پۇل مۇئامىلە كومىتېتلىرى، پۇل مۇئامىلە ئىشخانىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش نىشانىنى بېكىتىپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى زور كۈچ بىلەن ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش تۈپ مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۇل مۇئامىلىنى ئېچىۋېتىش ۋە بىخەتەرلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى قەرەلىدە تاماملاپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرى يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز پۇل مۇئامىلە كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى خې لىفېڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ