5 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە كۆرگەزمىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ پۇختا ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىپ، تېخىمۇ كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆپ يىل يېتىلدۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، جۇڭگو - رۇسىيە كۆرگەزمىسى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى. ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمە پۇرسىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
8 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - رۇسىيە كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسى «ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، پۇرسەت»، سودا مىنىستىرلىقى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، رۇسىيە ئىقتىساد تەرەققىيات مىنىستىرلىقى، رۇسىيە سانائەت ۋە سودا مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ كۈنى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىدە باشلاندى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ