مۇھىم خەۋەرلەر

دىققەتنى ساياھەتچىلىك، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، ئىسسىق بەلباغ ئۆزگىچە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىگە مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك

خەينەن تۆت چوڭ يېتەكچى كەسىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچەپ تۈرتكە بولدى

2024.05.22 12:44 مەنبە: خەلق تورى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 2022 ـ يىل 4ـ ئايدا خەينەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «30 يىل سىجىل ئىزدىنىش ئارقىلىق ساياھەتچىلىك، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، ئىسسىق بەلباغ ئۆزگىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت بۇ بىرنەچچە تۈرنى تۇتۇش قارار قىلىندى.» «دىققەتنى ساياھەتچىلىك، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، ئىسسىق بەلباغ ئۆزگىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك.»

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇقنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەينەن ئۆلكىسى ئەركىن سودا پورتىنىڭ سىياسەت ئەۋزەللىكى ۋە ئۆزگىچە تەبىئىي تالانتىغا تايىنىپ، دىققەتنى ساياھەتچىلىك، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر، ئىسسىق بەلباغ ئۆزگىچە، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ يېتەكچى كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى يېتىلدۈرۈپ، كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئەركىن سودا پورتىنىڭ ماكانلىشىپ كۈچكە ئىگە بولغان 180 نەچچە تۈرلۈك سىياسەت ھۆججىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەينەن سىياسەتنى قوللىنىش بوشلۇقىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش سۇبيېكتلىرى ۋە كارخانىلارنى توپلىنىشقا زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلدى.

  «ئەركىن سودا پورتىنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىلھام بېرىش سىياسىتى بىزنى جەلپ قىلدى. خەينەن چېنخەي سۇ مەھسۇلاتلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىر ياردەمچىسى جاۋ گۇاڭۋېن مۇنداق دېدى: باش ئىشتابنى سەنيا ياجوۋۋەن پەن -تېخنىكا شەھەرچىسىگە يۆتكىگەندىن كېيىن، شىركەت ئاممىۋى پەن تەتقىقات سۇپىسى ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى 20 نەچچە ئالىي مەكتەپ بىلەن ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جىنچاڭيۈنىڭ يېڭى سورتى «چېنخەي 1- نومۇر»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

  پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى سىجىل ئايلاندۇرۇلدى، ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرى تېز توپلاندى. 2023 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ياجۇۋەن پەن - تېخنىكا شەھەرچىسىدە دۆلەت دەرىجىلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن تۆتى قۇرۇلۇپ،2800 دىن ئارتۇق ئۇرۇقچىلىق كەسپى، 1000دىن ئارتۇق چوڭقۇر دېڭىز پەن - تەتقىقات كوللېكتىپى ۋە كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

  بۇ ئەركىن سودا پورتىنىڭ سىياسىتى پايدىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى. «مەركەز بىرتۇتاش پىلانلاش، تارماقلار قوللاش، ئۆلكىلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش»تىن ئىبارەت خىزمىتلەرنى ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمى ئاستىدا، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ سىياسەت- تۈزۈم سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. بۇ يىل 1-ئايغا قەدەر، پۈتۈن ئۆلكە بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن تىجارەت سۇبيېكتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا 48 ئاي مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇننى ساقلىدى.

  كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاش ۋە كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان 13 نۇقتىلىق باغچە رايونىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، «باشلامچى زەنجىر ئاساسلىق تۈرتكە بولىدىغان، باغچە رايونى سۇپىسى تىرەك بولىدىغان، يۇقىرى ـ تۆۋەن ئېقىن ھەمكارلىشىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلىدىغان» كەسىپ تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.

  ۋېنچاڭ خەلقئارا ئالەم قاتنىشى شەھەرچىسىدە، ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى سۈنئىي ھەمراھ كەسپى قۇرۇلۇشىغا ئەڭ بۇرۇن قاتناشقان خەينەن چاڭگۇاڭ سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇر تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشقا كارخانىلار بىلەن بىرلىشىپ، مۇھىتنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئورمان ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، دۆلەت زېمىنى بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى يىراقتىن سېزىش سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈردى. «خەرىتىنى تەكشۈرۈشكە پەقەت ئىككى سائەتلا ۋاقىت كېتىدۇ، خەينەن رايونىدا ھەر كۈنى 13 قېتىم كۆزىتىش، پۈتۈن رايوننى ئايدا بىر پارچە خەرىتە بىلەن قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.» ۋېنچاڭ ئالەم قاتنىشى دەرىجىدىن تاشقىرى ھېسابلاش مەركىزىنىڭ تۈر دىرېكتورى فېڭ ۋېن تونۇشتۇردى. ھازىر ۋېنچاڭ خەلقئارا ئالەم قاتنىشى شەھەرچىسى باغچە رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان ئالەم قاتنىشى تۈرىدىكى كارخانا 500 دىن ئېشىپ، ئالەم قاتنىشى كەسىپ زەنجىرى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

  «ساياھەت +» يېڭى كەسىپ ھالىتى پۈتۈن رايون بويىچە كېڭەيتىلدى، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قويۇپ بەردى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ئارقا ـ ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، ئىسسىق بەلباغ ئۆزگىچە يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى سىجىل تەرەققىي قىلدى... 2023- يىلى تۆت چوڭ يېتەكچى كەسىپنىڭ خەينەن ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %60 تىن ئاشتى.

  بۇ يىل 1- پەسىلدە خەينەننىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 183 مىليارد 698 مىليون يۈەنگە يەتكەن. «بىز كەسىپنى كۈچەيتىش ئىشلىرىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنقى سەپنى چىڭ كۆزلەپ، ئېكولوگىيە بەرپا قىلىپ، زەنجىر بويلاپ توپلىنىپ، توپلىشىپ تەرەققىي قىلىپ، ئوچۇق ئېكولوگىيە تىپىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىمىز.» دېدى خەينەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى فېڭ فېي.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ