5-ئاينىڭ 21-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۆت تارماق بىرلىكتە سەككىز ئايلىق گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
5-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى «گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى قاتارلىق تۆت تارماق بىرلىشىپ تارقاتقان «ئاپتونوم رايوننىڭ گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى»دىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، 2024-يىل 4-ئايدىن باشلاپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى، گۇڭئەن ئىدارىسى، يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە بىرلىكتە سەككىز ئايلىق گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارغا دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىش مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.
كەڭ خەلق ئاممىسى مەخسۇس ھەرىكەت بويىچە ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى ئارقىلىق «قارا گۆش جەۋھىرى» قاتارلىق يېمەكلىك ھايۋانلىرىغا ئىشلىتىش چەكلەنگەن دورا ۋە باشقا بىرىكمىلەرنى ئىشلىتىش، كېسەل بولۇپ ئۆلگەن چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرىنى «يەڭگۈشلىۋېتىش»، بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىش لاياقەتلىك ئىسپاتى بەرمەسلىك، شۇنىڭدەك باشقا چارۋا ۋە ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرىنى ساختا كالا (قوي، ئات، ئېشەك) گۆشى مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى ئەرز قىلسا ۋە پاش قىلسا بولىدۇ، قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئەرز قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى:12315 ئۈرۈمچى شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى:2814853-0991
ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يېمەكلىك-دورا شۆبە ئىدارىسى:5612110-0991
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى:4616333-0991
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ