ياپونىيە 17-چېسلا 6- قېتىملىق يادرو بۇلغانما سۈيىنى دېڭىزغا قويۇپ بېرىشنى باشلايدۇ، تەخمىنەن 7800 توننا بۇلغانما سۈيىنى قويۇپ بېرىدۇ
2024.05.16 14:44 مەنبە: خەلق تورى
شۇ جاي ۋاقتى 15-چېسلا، ياپونىيە توكيو ئېلېكتىر شىركىتى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: فۇكۇشىما -1يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى يادرو بۇلغانما سۈيىنى 6- قېتىم دېڭىزغا قويۇپ بېرىش مۇشۇ ئاينىڭ 17-كۈنى باشلىنىدۇ 6 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنىگىچە داۋاملىشىپ، تەخمىنەن 7800 توننا يادرو بۇلغانما سۈيى قويۇپ بېرىلىدۇ.
توكيو ئېلېكتىر شىركىتى بۇ يىل 1-ئايدا ئېلان قىلغان ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، 2024-مالىيە يىلىدا 7 قېتىمغا بۆلۈپ 54 مىڭ 600 توننا ئەتراپىدا يادرو بۇلغانما سۈيى قويۇپ بېرىلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ