دىڭ شۆشياڭ مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى ۋىدېيولۇق يىغىنىغا قاتناشتى

2024.05.15 10:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتى ۋىدېيولۇق يىغىنى 14-ماي بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يۆنىلىشىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يوشۇرۇن كۈچلەرنى داۋاملىق قېزىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنىڭ بالدۇرراق ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. بازارلاشقان ئىش ئورۇنلىرىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئېچىپ، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، زور قۇرۇلۇش، زور تۈر، زور ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش تەدبىرلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك. سىياسەت خاراكتېرلىك ئىش ئورنىغا قوبۇل قىلىشنى مۇقىملاشتۇرۇپ ۋە تېزلىتىپ، كۆلەم جەھەتتە كېڭەيتىشكە بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر كېڭەيتىپ، ئىمكان قەدەر بالدۇر يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلام مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى چىن دىل بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشى تەربىيەسىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنىڭ ئۈنۈملۈك ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش تۆۋەن چېكىنى پۇختا ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا چېتىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار، ئالىي مەكتەپلەر تەشكىلىي رەھبەرلىكنى، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  دۆلەت كومىسسارى شېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جىلىن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ