لى چياڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا ئالاھىدىلىك ئۈستۈنلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىغا بەخت يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2024.05.11 17:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلىكىگە قويۇپ، ئۆزگىچە ئۈستۈنلىك كەسىپلىرىنى يېتىشتۈرۈپ ۋە زورايتىپ، ئىچكى-تاشقى جەھەتتە ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىغا بەخت يارىتىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى چياڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6-شىسىنىڭ ۋۇجياچۈ شەھىرىگە بېرىپ، سانائەت باغچا رايونى، كارخانا، كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىلىرى قاتارلىقلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا، لى چياڭ قۇرۇقلۇق پورت رايونىنىڭ قۇرۇلۇش-تىجارەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزى ۋە ئالاتاۋ ئېغىزى، قورغاس چېگرا ئېغىزىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خىزمەتچىلەر بىلەن سۆھبەتلىشىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇشنىڭ يولغا قويۇلۇش ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. لى چياڭ شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى ئۆلكىلەر بىلەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربكە ئېچىۋېتىلگەن كۆۋرۈك بېشى قورغىنى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنىڭ چوڭ يول ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، لىنىيە بويىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بولۇپمۇ نۇقتىلىق سانائەت باغچا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى كەسىپ ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن چېگرا سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ زور دەرىجىدە كۆپىيىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، لى چياڭ سودا، مائارىپ، داۋالاش، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، خەلقئارا ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كېڭەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  لى چياڭ جىنفېڭ پەن-تېخنىكىسى، ئالاھىدە ترانسىفورماتور سانائىتى، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىقى، سانجى يىدا توقۇمىچىلىقى، تيەنئې پاختا ماشىنىسى، يېڭى كەسىپلەرنى ئېنېرگىيەلەشتۈرۈش قاتارلىق كارخانىلارغا بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەسى ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەتقىقات، بازار ئېچىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلى ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئالقىشلىدى. لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش دولقۇنىغا ماسلىشىپ، بايلىق تەبىئىتىنى مەۋقە قىلىپ، يوشۇرۇن كۈچ بوشلۇقىنى قېزىپ، ئېنېرگىيە، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش، ئۈسكۈنە ياساش قاتارلىق ئالاھىدە ئۈستۈنلىككە ئىگە كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەك. ئېلىمىزنىڭ چوڭ بازار، چوڭ قۇرۇلۇش، چوڭ قوللىنىش قاتارلىق ئۆزگىچە ئۈستۈنلىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، تېخنىكا جۇغلانمىسى ۋە ئىتېراتسىيەسىنى تېزلىتىپ، ئۆلچەم تۈزۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك ماركا يارىتىپ، بازار رىقابىتىدە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىم ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى، مۇھىم كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سانجى شەھىرىدىكى تيەنئې بازىرىغا 500 دىن ئارتۇق كۆچمەن چارۋىچى ئائىلىسى مۇقىم ئولتۇراقلاشقان. لى چياڭ بۇ يەرگە كېلىپ، ئاممىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ياخشى تۇرغان-تۇرمىغانلىقى، كىرىمىنىڭ قانداقلىقى، كېسەل كۆرسىتىش ۋە بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قولايلىق ياكى ئەمەسلىكىنى تەپسىلى سورىدى. لى چياڭ كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئائىت ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلىش، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش كېرەك، دېدى. لى چياڭ شۇ جايدىكى كادىرلارنى ئاساسىي قاتلامنى تۈزەشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى قوغداشقا ئىلھاملاندۇردى.

  لى چياڭ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، شىنجاڭنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۇختا ئىشلەپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ يېڭى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ما شىڭرۇي، ۋۇ جېڭلوڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ