لى چياڭ ئەنگلىيە-جۇڭگو سودا جەمئىيىتى جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى

2024.05.16 14:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 15-ماي بېيجىڭدا ئەنگلىيە-جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كوۋپېر كولېس باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە-جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ ئەنگلىيە ـ جۇڭگو سودا جەمئىيىتىنىڭ جۇڭگو-ئەنگلىيە سودىسىدا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشقانلىقىنى ماختىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلىشى ئىككى تەرەپكە، شۇنداقلا دۇنياغا پايدىلىق. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بولغان سۆزلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى باشتىن-ئاخىر ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ سىجىل تەرەققىي قىلىشى، مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ئاساسىي دۆلەت سىياسىتىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، ئەنگلىيە قاتارلىق ھەر قايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا داۋاملىق مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ. ئەنگلىيە-جۇڭگو سودا جەمئىيىتى ھەمدە ئەنگلىيە سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە دوستلۇقىنى يەتكۈزگۈچى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىم، راۋان بولۇشىنىڭ قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كوۋپېر كولېس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەنگلىيە ـ جۇڭگو سودا جەمئىيىتى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ، كۆۋرۈكلۈك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئەنگلىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ