لى چياڭ «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشىنى قوللاش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك سىن يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشىنى قوللاشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك

دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2024.05.14 16:13 مەنبە: خەلق تورى

  5- ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، گوۋۇيۈەن «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشىنى قوللاش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش سەپەرۋەرلىك سىن يىغىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يىغىندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە دۆلەت زايومىنى تارقىتىپ ھەم ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، چېن يىچىن يىغىنغا قاتناشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە دۆلەت زايومى تارقىتىپ، «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشنى قوللاش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرما، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتىكى مۇھىم تۇتقا. جايلار، تارماقلار يۈكسەكلىكنى ئاشۇرۇپ، تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى پۇختا، ياخشى تاماملىشى كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، ئالدىن كۆرەرلىك، ئومۇمىيلىقنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىرىنى يولغا قويۇش ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ ئىش، مۇھىم ئىشلارنى ياخشى قىلىشقا مەدەت بېرىش كېرەك. «قاتتىق سېلىنما» بىلەن «يۇمشاق قۇرۇلۇش»نى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، تۈر قۇرۇلۇشى بىلەن يانداش ئىسلاھاتنى بىرلەشتۈرۈپ، ھەم يىرىك پىلاننى تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى بەرپا قىلىپ، ھەم تۈزۈم بىلەن تەمىنلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرى ئارقىلىق چوڭقۇر قاتلاملىق توسالغۇلارنى تۈگىتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ئارزۇسىغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ماددىي بۇيۇم سېلىنمىسى بىلەن ئادەم كۈچى كاپىتالى سېلىنمىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشى ئومۇمىيەتكە ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىۋېرسال ئېففېكتنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۇ يىللىق ۋە كەلگۈسى بىرنەچچە يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يىل ئىستراتېگىيەلىك مۇھىملىق دەرىجىسى، جىددىي بولۇش دەرىجىسى ۋە تۈرلەرنىڭ پىشىپ يېتىلىش دەرىجىسىگە ئاساسەن، تۈرلەرنى ئىلمىي تاللاپ، بالدۇر ئىش باشلاش، بالدۇر ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرنەچچە يىللىق زور ۋەزىپىلەرنى «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ،«15-بەش يىل»لىق تەرەققىيات ئېھتىياجى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، قەدەمگە بۆلۈپ يولغا قويۇپ، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئادەتتىكى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى تۈرلۈك سىياسەتلەردىن بىر تۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، مالىيە ۋە پۇل مۇئامىلە قوراللىرىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ پۇل مۇئامىلە بايلىقىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا كىرىشكە يېتەكلەش كېرەك. ھۆكۈمەت سېلىنمىسى بىلەن ئەلئارا سېلىنمىنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئەلئارا كاپىتالنى «ئىككى مۇھىم» قۇرۇلۇشقا قاتنىشىشقا تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن يېتەكلەپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. سۈپەت ئۆتكىلى، بىخەتەرلىك ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىككى مۇھىم» تۈرنى ھەقىقىي تۈردە ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، ئېسىل قۇرۇلۇش، خاتىرجەم قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، خەلق ۋە تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، خۇبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ