لى چياڭ تېلېگرامما يوللاپ مىشۇستىننىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2024.05.13 09:23 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 12 - ماي مىشۇستىنغا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم رۇسىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتنى ساقلىدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلدى، ئادىمىيەت ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلاشتى، بۇلار ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. مەن داۋاملىق زۇڭلى مىشۇستىن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىش، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ