مۇھىم خەۋەرلەر

ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلدى، بايدېن تەستىقلىدى!

2024.05.13 15:48 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ يەر ۋاقتى 10-ماي، ئاق ساراي ئېلان قىلغان بىر باياناتقا ئاساسەن، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن ئۇكرائىنانى 400 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق دۆلەت مۇداپىئە ياردىمى بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تەستىقلىدى، بۇ دۆلەت مۇداپىئە ماددىي ئەشيالىرى ۋە ھەربىي تەلىم-تەربىيە قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى يېرماك شۇ يەر ۋاقتى 10-ماي ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا 400 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى پاۋليۇك 10-چېسلا چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانى 6-ئاينىڭ بېشىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە تاپشۇرىدۇ دېگەن، بۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنى ھاۋا مۇداپىئە قوراللىرىنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى سىرتىدىكى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ نىشانىغا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىكەن. پاۋليۇكنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇرۇشنىڭ ھالقىلىق باسقۇچى كەلگۈسى ئىككى ئاي ئىچىدە يېتىپ كېلىدىكەن، بۇ مەزگىلدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ يېتەرلىك قورالغا ئېرىشىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ