شى جىنپىڭ بۇداپېشتقا يېتىپ بېرىپ ۋېنگىرىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2024.05.11 08:58 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بۇداپېشتقا يېتىپ بېرىپ، ۋېنگىرىيە زۇڭتۇڭى سۇليوك ۋە زۇڭلىسى ئورباننىڭ تەكلىپى بىلەن ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ۋېنگىرىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندىن كېيىن، ۋېنگىرىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ ئۇچتى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان بۇداپېشت خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان ۋە رەپىقىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىياردو قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى، زۇڭلى ئوربان پىروفېسسور پېڭ لىيۈەنگە گۈل دەستە تۇتتى. مۇراسىم ئەسكەرلىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. مىللىي كىيىم - كېچەكلەرنى كىيگەن ۋېنگىرىيەلىك ئىككى بالا رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىگە بولكا ۋە تۇز تەقدىم قىلىپ، ئەنئەنىۋى قائىدە - يوسۇن بويىچە ئەڭ ئەزىز مېھماننى قارشى ئالدى. ۋېنگىرىيە - جۇڭگو قوش تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىگە گۈل دەستە تۇتتى ھەم جۇڭگو تىلىدا: «ۋېنگىرىيەگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دېدى. ئۆسمۈرلەر، بالىلار شادىيانە مىللىي ئەنئەنىۋى ئۇسسۇل چارداس ئۇسسۇلىنى ئويناپ، شى جىنپىڭنى ئىنتايىن قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ سۇليوك ۋە زۇڭلى ئورباننىڭ قىزغىن تەكلىپى بىلەن گۈزەل ۋېنگىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى قويۇقلاشتى، ئۆزئارا ئىشىنىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى مول مەزمۇنلۇق بولدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى مۇھىم پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. مەن زۇڭتۇڭ سۇليوك ۋە زۇڭلى ئوربان قاتارلىق ۋېنگىرىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق، تەرەققىيات يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق پىلانلاپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەت مۇقەررەر ھالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە كەڭ نەزەر دائىرە، يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىدۇ. ئىشىنىمەنكى، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، بۇ قېتىمقى زىيارىتىم چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتۈۋېلىشقا تۈرتكە بولىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ ۋېنگىرىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گۇڭ تاۋمۇ ئايروپورتقا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپورتتىن تۇرىدىغان مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، شۇ جايدىكى نەچچە يۈز خۇارېن، خۇاچياۋلار ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، «جۇڭگو - ۋېنگىرىيە دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنايدۇ»، «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋېنگىرىيەدە زىيارەتتە بولغانلىقىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» قاتارلىق خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ