شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بۇداپېشتتىن ئايرىلدى

2024.05.11 11:13 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى كەچقۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بۇداپېشتتىن ئايرىلىپ دۆلىتىمىزگە قايتتى.

  ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان ۋە رەپىقىسى ئايروپورتقا كېلىپ ئۇزىتىپ قويدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان ئۇچقاندىن كېيىن، ۋېنگىرىيە تەرەپ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلۈپ قوغداپ ئۇچتى.

  ئايروپورتقا كېتىۋاتقان يولدا، ۋېنگىرىيەدىكى خۇارېن ـ خۇاچياۋلار ۋە ۋېنگىرىيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، «جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە دوستلۇقى ياشىسۇن» قاتارلىق خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى، زىيارەتنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ