شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بۇداپېشتتا تەكلىپ بىلەن ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان ۋە رەپىقىسى ئۆتكۈزگەن ئۇزىتىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بۇداپېشتتا تەكلىپ بىلەن ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان ۋە رەپىقىسى ئۆتكۈزگەن ئۇزىتىش زىياپىتىگە قاتناشتى.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى بىرلىكتە بۇداپېشتنىڭ شەھەر مەنزىرىسىگە نەزەر سالدى، دوناي دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
ئوربان شى جىنپىڭغا بۇداپېشت شەھىرىنىڭ تارىخى، تەرەققىيات ئۆزگىرىشى ۋە كەلگۈسى پىلانىنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كارخانىلىرى ۋېنگىرىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، جۇڭگو تەرەپ ئۈستىگە ئېلىپ قۇرغان نۇرغۇن تۈر ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى بايراقدار تۈرگە ۋە دوستلۇق سىمۋولىغا ئايلاندى. جۇڭگو تېخنىكىسى نۇرغۇن جەھەتلەردە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، ۋېنگىرىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى كىرگۈزۈپ، ۋېنگىرىيەنىڭ دۆلەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ ئورباننىڭ قىزغىن تەكلىپىگە ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: مەن بۇ يەردە ھەم بۇداپېشتنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىنى ھېس قىلدىم، ھەم يېڭى ھاياتىي كۈچىنى كۆردۈم، ۋېنگىرىيەگە بولغان تونۇشۇم چوڭقۇرلىشىپ، بىر بۆلەك قىممەتلىك ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندە، ۋېنگىرىيە قولغا كەلتۈرگەن تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. جۇڭگو بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى ئىلگىرى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانىدى. ھازىر، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشى ۋېنگىرىيەنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن ئىقتىساد، تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى دېرىزىگە يېقىن ئولتۇرۇپ، دېرىزە سىرتىغا قاراپ ئاسماندا لەيلەپ تۇرغان بۇلۇتلارنى كۆرگەچ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشلىرى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەسىراتلىرى توغرىسىدا كەڭ ـ كۇشادە پاراڭلىشىپ، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 100 يىللىق پارتىيە تارىخى ۋە پارتىيەنى باشقۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇھىم ئىدىيەسىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نەچچە ئونلا ئەزاسى بار بىر كىچىك پارتىيەدىن 98 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسى بار چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، بۇ جەرياندا نۇرغۇن كەسكىن سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ بۈگۈنكى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ ـ خەتەر ۋە خىرىسلارنى داۋاملىق يېڭىپ، جۇڭگونىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاپ، جۇڭگو خەلقىنى بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىشەنچىمىز بار.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ۋاقتى گەرچە ئۇزاق بولمىسىمۇ، لېكىن بىز تولۇق، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز يېڭى دەۋردىكى دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى قارار قىلدۇق. جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىدىيەسى يېقىن بولۇپ، ھەر ئىككىسىلا مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى قەدىرلەيدۇ. مەن زۇڭلى ئوربان بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنى دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، ئورتاق تىرىشىپ بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە سىجىل بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن جۇڭگو ـ ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قارىتا ئىشەنچكە تولدۇم.