شى جىنپىڭ چادنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان مۇھەممەدكە تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.05.23 09:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھەممەد ئىدرىس دېبىي يىتىنوغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ چاد جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - چاد مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، خەلقئارا ھەمكارلىق تېخىمۇ قويۇقلاشتى. مەن جۇڭگو - چاد مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ مۇھەممەد بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، دوستانە ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ