مۇھىم خەۋەرلەر

2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى باشلاندى

2024.05.21 15:41 مەنبە: خەلق تورى

  5-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قەشقەر شەھىرى شىمالىي كۆل باغچىسىدىكى تەكلىماكاننى ئايلىنىش لاگېرىدا موتور گۈرۈلدەپ، 2024-يىللىق جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى ۋە جۇڭگو ئاپتوموبىل دالا راللى لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ شىنجاڭ تارماق بېكەت مۇسابىقىسى مۇشۇ يەردە باشلاندى. كەلگۈسى يېرىم ئاي ئىچىدە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن 50 ئاپتوموبىل ئەترىتى، 110 ئاپتوموبىل تەكلىماكاننى ئايلىنىش راللى مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە يولىدا بىرلىكتە بىر مەيدان سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىيات بىلەن ئۇچقاندەك چېپىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 6-ئاينىڭ 1-كۈنى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئاقسۇ شەھىرىگە يېتىپ بارىدۇ.

  جۇڭگو تەكلىماكاننى ئايلىنىش خەلقئارا راللى مۇسابىقىسى دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر ئۇزۇن ئارىلىقلىق خەلقئارالىق ئاپتوموبىل، موتوسىكلىت دالا راللى مۇسابىقىسى بولۇپ، بۇ يىل بۇ مۇسابىقە خەلقئارا ئاپتوموبىل بىرلەشمە مۇسابىقىسى تارىخىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك تەكلىماكاننى ئايلىنىش مۇسابىقىسى قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ھەم شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ 1-، 3-، 14-شىسى قاتارلىق جايلاردىن ئۆتىدىغان بولۇپ، ئومۇمىي مۇساپىسى 4377.5 كىلومېتىر كېلىدۇ، قۇملۇق مۇسابىقە بۆلىكى %70نى، چۆللۈك، ئېگىز تاغ، دەريا مۇسابىقە بۆلىكى %30نى ئىگىلەيدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئارقا سەپ خىزمىتى ئاپتوموبىلىدىن 800 ى بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان ئاپتوموبىللارغا سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى، مۇسابىقە مەخسۇس يول باشلاش ۋە يانداپ ئۆتۈش سىگنال سىستېمىسى (ENB) ئورنىتىلىپ، مۇسابىقىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىندى ھەمدە تىك ئۇچار بىلەن قۇتقۇزۇش سەپلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ