شىنجاڭلىق 15 ياشلىق ئوغۇل بالا جۇمۇلاڭما چوققىسىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى
2024.05.20 13:35 مەنبە: خەلق تورى
5- ئاينىڭ 19-كۈنى، نېپال ۋاقتى سائەت 4:50 ئۆتكەندە، يەنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 7:05 ئۆتكەندە، شىنجاڭلىق 15 ياشلىق بالا ئەلقۇت دىلشات دۇنيانىڭ چوققىسى بولغان جۇمۇلاڭما چوققىسىغا ئوڭۇشلۇق چىقتى .
ئەلقۇت 2008ـ يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 13 ـ ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇقسىز 3 ـ يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ جۇمۇلاڭما چوققىسىغا يامىشىشقا جەڭ ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. بۇ قېتىمقى مۇۋەپپەقىيەتلىك چوققىغا چىقىش بىلەن ئۇ جوڭگودىكى جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان يېشى ئەڭ كىچىك تاغقا چىقىش تەنھەرىكەتچىسىگە ئايلاندى، ھەممەيلەن بىرلىكتە ئەلقۇتنى تەبرىكلەيلى!
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ