مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتۈش نىسبىتى % 90 كە يەتتى

ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، مۇقىم ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش

2024.05.23 12:45 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22 - ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنىڭ ئاساسىي لىنىيە لايىھەسى» تۈزۈلۈپ بولغان، ھەرقايسى ئوق كارىدورلىرىنىڭ يۆنىلىشى ۋە تۈگۈنى ئايدىڭلىشىپ، «ئالتە ئوق، يەتتە كارىدور، سەككىز يول» «كۆرسەتمە خەرىتىسى» دىن «يول خەرىتىسى» گە ئۆزگەرگەن. ھازىر بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغان، يول مۇساپىسى 260 مىڭ كىلومېتىردىن ئېشىپ، پۈتۈش نىسبىتى % 90كە يەتكەن، مەملىكەت بويىچە % 80 تىن ئارتۇق ناھىيە (شەھەر، رايون)گە تۇتاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە % 90 ئەتراپىدا ئىقتىساد، نوپۇس ئومۇمىي مىقدارى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىنغان.

  «ئالتە ئوق، يەتتە كارىدور، سەككىز يول»، يەنى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن قاتارلىق ئالتە ئاساسىي ئوق، بېيجىڭ- خاربىن، بېيجىڭ-شىزاڭ قاتارلىق يەتتە كارىدور ۋە سۇيمەن، جىڭيەن قاتارلىق سەككىز يول بار، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى ئىچىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئاساسىي يول، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىشتىكى ئاساسىي ئوق لىنىيەسى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىدىكى غول تومۇر.

  بۇ يىلدىن بۇيان، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ قاتناش قۇرۇلۇش تۈرلىرى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ئاشتى - لەنجوۋ - خەيكوۋ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كونترول خاراكتېرلىك تۈگۈن قۇرۇلۇشى مۇجەيلىڭ تونېلى ئومۇمىي لىنىيە بويىچە بولدى ؛ شېنجېن-جۇڭشەن كۆۋرۈكى، بېيجىڭ شەرقىي 6 - ئايلانما يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى؛ پىڭلۇ قانىلى، شياۋياڭ شەنبېي كونتېينېر پورتى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ-چوڭ تۈرلەر تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلدى... دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى «ئالتە ئوق، يەتتە كارىدور، سەككىز يول» قۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، مۇقىم ئاشۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

  كېيىنكى قەدەمدە، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى خىزمەت سالمىقىنى زورايتىدۇ، «يول خەرىتىسى»نى «قۇرۇلۇش خەرىتىسى»گە ئايلاندۇرۇپ، بايلىق ئامىللىرىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاساسىي يۈرۈشۈشنى نازارەت قىلىش، باھالاش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى «ئالتە ئوق، يەتتە كارىدور، سەككىز يول» قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ