بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇردى!
2024.05.15 15:09 مەنبە: خەلق تورى
شۇ يەر ۋاقتى 14- ماي، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان خاك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەپنىڭ نۆۋەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى توغرىسىدا تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭدىن باشقا فارخان خاك بۇ ھۇجۇمنىڭ «شۇ جايدىكى بىر تانكا»دىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى بىردىنبىر تانكىسى بار تەرەپ دېيىش «مۇۋاپىق پەرەز». فارخان خاك مۇنداق دېدى: شۇ جاي ۋاقتى 13-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، ب د ت خەۋپسىزلىك ۋە ئامانلىق ساقلاش تارمىقىنىڭ خىزمەتچىلىرى رافادىكى ياۋروپا دوختۇرخانىسىغا باردى. يولدا ئۇلار ئولتۇرغان ئاپتوموبىل ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ھىندىستانلىق بىر خىزمەتچى ئۆلدى، يەنە بىر ئادەم ئېغىر يارىلاندى. ئۇ بۇ قېتىم پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، ب د ت نىڭ غەززە رايونىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغان تۇنجى خەلقئارالىق خىزمەتچى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس ب د ت خادىملىرىغا قارىتىلغان بارلىق ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى ھەمدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ