جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە خېنەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىگە قويۇپ، خەلق رايىنى قوبۇل قىلىدىغان، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەيدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.
جاۋ لېجى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جوۋكوۋ، شۈچاڭ، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مەھەللە، كارخانا، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى، يېزا-كەنت ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى يەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چۆرىدەپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ تولۇق ئادا قىلىپ، نىزام چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئۆز رايونىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. جاۋ لېجى خېنەن ئۆلكىلىك ۋەكىللەر ئالاقە باش پونكىتى ۋە شۈچاڭ شەھىرى جيەنئەن رايونى شىنيۈەن كوچا باشقارمىسى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىدا ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىدىن ئۆگىنىپ، ئاڭلىق ھالدا خەلقتىن ئەقىل سوراپ، خەلقتىن ھال-ئەھۋال سوراپ، ئىش بولسا كۆپرەك مەسلىھەتلىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى قوزغاش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ خەلق ئارىسىدىن كېلىش، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتەك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسى، ساداسىنى ئاڭلاپ ۋە ئىنكاس قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ۋەكىللەر ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلىشى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلىشى، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشى، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى، ئۇنىڭغا سىڭىشىشى كېرەك.
جاۋ لېجى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئورگان كادىرلىرىنى يوقلىدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ ماھىيەتلىك خۇسۇسىيىتى، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى دۆلىتىمىزنىڭ پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى. خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە خەلق رايىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتكۈل جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇمىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتىكى رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلقنىڭ ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىر بار بولغان مېخانىزم ۋە ئۇسۇللاردىن ياخشى پايدىلىنىشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىللە، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تەلىپى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دېموكراتىيە، خەلق رايىنى ئىپادىلەش سۇپىسى ۋە ۋاسىتىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىيەت ئالاھىدىلىكى، دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش كېرەك. راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەھۋالنى ئېنىق ئىگىلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئوي-پىكرى، ئارزۇ-ئۈمىدىنى ئىگىلەش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، ۋەكىللەرنىڭ كەسپىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئامما ئىنكاس قىلغان ئومۇمىيلىققا ئىگە، خاھىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل رەتلەپ، يىغىنچاقلاپ، تەھلىل قىلىپ، پىكىر يۈرگۈزۈپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، مەسىلىنىڭ تۈگۈنىنى تېپىپ چىقىپ، تەدبىر-چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك. پىكىر-تەكلىپلەرنى تەتقىق قىلىش، قوبۇل قىلىش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق رايى، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە، ئالاقىدار تەكلىپ-تەۋسىيە ۋە قاراپ چىقىش سۆزىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشنى قانۇن-تۈزۈم قاتلىمىدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، جاۋ لېجى يەنە خۇاڭخې مۇزېيى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ