لى چياڭ ئەنخۇيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك

2024.05.11 11:14 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنخۇيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى يۈزلىنىشىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.

  لى چياڭ ئالدى بىلەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى كىۋانت ئۇچۇرى ۋە كىۋانت پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ، تەتقىقات يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇش تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى پەن تەتقىقات تەرەققىياتىنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، پەن تەتقىقات خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسى ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات يۇرتىدا، لى چياڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، پەن تەتقىقات ئۈسكۈنىلىرى ۋە تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، يېتىشتۈرۈش كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى، كارخانىنىڭ يېتىشتۈرۈش ۋە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش ئۈنۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈندىن-كۈنگە يېڭىلىنىۋاتىدۇ، پەن-تېخنىكىنىڭ ئالدىنقى سەپ يۈزلىنىشى ۋە تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىياتتا تېخىمۇ كۆپ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي تەتقىقات سېلىنمىسى سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتىنى ئاساسىي تىرەك ۋە مەنبە بىلەن تەمىنلەش كېرەك. لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەن-تېخنىكىنىڭ ھاياتىي كۈچى قوللىنىشتا، ئىنسانلارغا بەخت يارىتىشتا. پەن-تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا دادىل ئىزدىنىپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىش چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان سۇپا بەرپا قىلىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دىققەتنى ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى بايلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ ۋە كىرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  ئەنخۇي يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، چاڭشىن پەن-تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىدە، لى چياڭ كارخانىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، تۈرلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق تونۇشتۇرۇشلارنى ئاڭلىدى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ۋە مەھسۇلات كۆرگەزمىسىنى كۆردى، مەھسۇلاتنىڭ ئىقتىدارى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى، بازاردا سېتىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى، كارخانىنىڭ داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىپ بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىدىن خۇشال بولدى، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ، ئاساسىي كەسىپكە كۆڭۈل بۆلۈپ، داۋاملىق چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى. لى چياڭ مۇنداق دېدى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى ۋە كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇشتا. كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ئېكولوگىيەنى يەنىمۇ بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى توپلاپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بېرىش كېرەك. ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقتىن ئىبارەت بۇ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، رەقەملەشتۈرۈش بويىچە تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، تېخنىكىنىڭ ئەۋلاد يېڭىلىنىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلغارلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي قوللىنىش مەنزىرىسىنى پائال كېڭەيتىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى مۇلازىمەت ئارقىلىق ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، ئېھتىياج يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ يارىتىش كېرەك.

  لى چياڭ ئەنخۇينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەنخۇينىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەنخۇي خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ