مۇھىم خەۋەرلەر

كىرورەن قەدىمىي شەھىرىنىڭ كىرىش بېلىتى 3500 يۈەن؟ لوپنۇر كۆلىنىڭ كىرىش بېلىتى 20 يۈەن؟ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالايلى!

2024.05.21 15:47 مەنبە: خەلق تورى

  توردا تارقىلىپ يۈرگىنىگە ئۇزۇن بولغان كىرورەن قەدىمىي شەھىرىنىڭ بىر تال كىرىش بېلىتى 3500 يۈەن دېگەن گەپكە قارىتا، شىنجاڭ ئالاقە تور ئۇچۇرى ئىشخانىسى ھۆكۈمەت تەرەپ مىكرو بىلوگى 20-ماي ھۆججەت تارقىتىپ، «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس» دېدى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كىرورەن قەدىمىي شەھىرىنىڭ بىر تال كىرىش بېلىتى 3500 يۈەن دېگەن گەپنىڭ تارقالغىنىغا ئۇزۇن بولغان، ھەتتا ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن تور ئەھلى ئۇنىڭغا جۇڭگودىكى ئەڭ قىممەت مەنزىرە رايونى دېگەن نامنى بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، كىرورەن قەدىمىي شەھىرىنى مەنزىرە رايونى دەپ ئاتاشقا بولمايدۇ. «چاقىلىق مەدەنىيەت ساياھىتى» ھۆكۈمەت ئۈندىدارىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كىرورەن قەدىمىي شەھىرى ئەزەلدىن سىرتقا ئېچىۋېتىلمىگەن، 3500 يۈەنلىك كىرىش بېلىتى دېگەن گەپمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇلا ئەمەس، لوپنۇر كۆلىنى قانۇنسىز كېسىپ ئۆتۈش مەنئى قىلىنىدۇ، ئىشىك بېلىتى 20 يۈەن دېگەن ئالاقىدار ئۇچۇرلارمۇ يالغان.

  ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كىرورەن قەدىمىي شەھىرىنى ۋاقتىنچە سىرتقا ئېچىۋېتىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، لېكىن كىرورەن خارابىسى جايلاشقان چاقىلىق ناھىيەسىدىكى كىرورەن مۇزېيىدا ھازىر ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقى 5717، بۇنىڭ ئىچىدە 1-دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئالتە بولۇپ، ئېلىمىزدىكى بىردىنبىر كىرورەن مەدەنىيىتىنى باش تېما قىلغان مۇزېي. قىزىقىدىغان دوستلار بۇ يەرگە بېرىپ كىرورەننى چۈشەنسە، كىرورەننى بىلسە بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ