ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلدى! پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۈز قىلىشقا دائىر ئەڭ يېڭى تۆلەم پۇلى ئۆلچىمى ئېلان قىلىندى
2024.05.22 13:06 مەنبە: خەلق تورى
دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 2024-يىل 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2023-يىلى مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتە بولمىغان ئورۇنلاردا ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە مائاش سوممىسى 120 مىڭ 698 يۈەن، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە مائاشى 462.44 يۈەن ئىكەن. يېقىندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2024-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت تۆلەم قارارى چىقارغاندا، پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش تۆلەم پۇلىنى كۈنىگە 462.44 يۈەن بويىچە ھېسابلاشنى تەلەپ قىلدى.
دۆلەت تۆلەم قانۇنىنىڭ 33-ماددىسىدا «پۇقرالارنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىنغان بولسا، كۈنلۈك تۆلەم پۇلى دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالدىنقى يىللىق كۈنلۈك ئوتتۇرىچە مائاشى بويىچە ھېسابلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى دۆلەت تۆلەم قانۇنىنىڭ 33-ماددىسى ۋە «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار تۆلەم دېلولىرىنى بېجىرىشتە قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى»نىڭ 21-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2024-يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ دۆلەت تۆلەم قارارى چىقارغاندا يۇقىرىقى ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ