مۇھىم خەۋەرلەر

ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى زاتلار جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ ئىچكى يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى

2024.05.10 00:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەركىتى (فاتاخ) بىلەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەركىتى (خاماس)نىڭ ۋەكىللىرى يېقىندا بېيجىڭدا كېڭىشىپ، پەلەستىننىڭ ئىچكى يارىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا چوڭقۇر، سەمىمىي سۆھبەتلەشتى. ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكى زاتلار جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ ئىچكى يارىشىشىغا قاتنىشىش تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  فاتاخ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەزەم ئەھمەد يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا، جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ ئىچكى يارىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ: جۇڭگو ئىزچىل پەلەستىن ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللاپ كەلدى، جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ پەلەستىننىڭ ئىچكى يارىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  خاماس 4-ئاينىڭ 30-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ پەلەستىن ئىشلىرىنى قوللىغانلىقىغا ھەمدە جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىستىقبالىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

  پەلەستىننىڭ سابىق دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياردەمچىسى مازان شامىيې مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە پەلەستىن مۇھىم خەتەرلىك پەيتلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، پەلەستىندىكى ھەرقايسى گۇرۇھلار ئىچكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا جىددى ئېھتىياجلىق. جۇڭگو بۇ چاغدا پەلەستىندىكى ئىككى چوڭ ئاساسلىق گۇرۇھقا «مۇۋاپىق پۇرسەتتە كۆرۈشۈش» تەكلىپى ئەۋەتتى. جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقى نۆۋەتتە پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مىسىر ئەرەب بىلەن خەلقئارا ئىشلار مۇتەخەسسىسى مۇستافا ئەمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پەلەستىن ئىشلىرى ھازىر «ئىنتايىن ھالقىلىق پەيتتە» تۇرۇۋاتىدۇ، پەلەستىندىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ يارىشىشى نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش. جۇڭگونىڭ ئاكتىپ قاتنىشىشى پەلەستىندىكى ھەرقايسى گۇرۇھلارنىڭ مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق. جۇڭگونىڭ جارى قىلدۇرغان رولىغا ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىلمەكتە، چۈنكى ئۇ ھەرقانداق بىر تەرەپكە يان باسمايدۇ، بۇ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا پايدىلىق.

  ئالجىرىيە دۆلەتلىك ئالىي سىياسىي شۆيۈەنىنىڭ پروفېسسورى فاتىھ ھانۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو فاتاخ بىلەن خاماس ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىشكە رىياسەتچىلىك قىلىپ، پەلەستىننىڭ ئىچكى يارىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، بۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە تەدبىر بولۇپ، پەلەستىن مەسىلىسى بولۇپمۇ غەزە رايونىدا باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پاجىئە ئۈچۈن ھەقىقى يولغا قويۇشقا بولىدىغان ۋە رېئال ھەل قىلىش لايىھەسىنى تېپىشقا پايدىلىق. بۇ قېتىم فاتاخ بىلەن خاماسنىڭ جۇڭگودىكى كېڭىشىشى ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ يادرولۇق توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم پۇرسەتكە ئايلىنىشىدىن ئۈمىد بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ