دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 8-ماي چۈشتىن بۇرۇن بېلگرادتىكى سېربىيە سارىيىدا سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلىدى.
5-ئايدىكى بېلگراد ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن ئىدى. سېربىيە سارىيى ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ دۆلەت بايراقلىرى لەپىلدەپ تۇراتتى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ھەيۋەتلىك سەپ تۈزگەن ئىدى. شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ماشىنا بىلەن يېتىپ بارغاندا، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ۋە رەپىقىسى تامارا ئالدىغا بېرىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى.
ۋۇچىچ شى جىنپىڭنىڭ شەرىپىگە داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، 10 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. شى جىنپىڭ ۋۇچىچىنىڭ ھەمراھلىقىدا ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قارشى تەرەپنىڭ ھەمراھ خادىملىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
ۋۇچىچ شى جىنپىڭغا ھەمراھ بولۇپ ھۆكۈمەت سارىيى سۇپىسىغا كەلدى. ساراي مەيدانىدا، 15 مىڭ سېربىيە ئاممىسى جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنى ئەڭ قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر توپىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، ئالقىش سادالىرى ئۇزۇنغىچە توختىمىدى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئايرىم-ئايرىم كىچىك دائىرىدە كۆرۈشتى ۋە كەڭ دائىرىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن زۇڭتۇڭ ۋۇچىچنىڭ كۆپ قېتىم تەكلىپ قىلىشى بىلەن، سەككىز يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم گۈزەل سېربىيەگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ ھۆكۈمەتنىڭ نۇرغۇن مۇھىم ئالىي ئەمەلدارلىرىنى باشلاپ ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى، بولۇپمۇ باياتىن مەن ئۈچۈن كاتتا قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، مەن بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم، سېربىيە خەلقىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياخشى دوستى ئىكەنلىكى، جۇڭگوغا قارىتا سەمىمىي دوستلۇق ھېسسىياتىنىڭ بارلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ جانجىگەر دوستلۇقى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا، پۇختا سىياسىي ئاساسقا، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە، پۇختا ئەلرايى ئاساسىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ئىككىمىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلىپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. بولۇپمۇ 2016-يىلى جۇڭگو بىلەن سېربىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىپ، دائىرىسى داۋاملىق كېڭىيىپ، جۇڭگونىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ھەرىكەت سۆزدىن ئەلا. جۇڭگو سېربىيە بىلەن بىرلىكتە، داۋاملىق جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەم بولۇپ، تەقدىرداش بولۇپ، جانجىگەر دوستلۇق روھى بويىچە، جۇڭگو-سېربىيە دوستلۇقىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىنى بىرلىكتە قوغداپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈستىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىزدىنىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سېربىيە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، سېربىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى بولۇشى جۇڭگو-سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى-جۇڭگو-سېربىيە جانجىگەر دوستلۇقىنىڭ يۈكسىلىشى شۇنداقلا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قىممەت ئىدىيەسى ۋە نىشان ئىنتىلىشىگە، يەنى تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، بۇ، جۇڭگو بىلەن سېربىيە ۋە دۇنيادىكى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرىدىغان، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتقا ئىنتىلىدىغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش ۋە جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ياردەم بېرىشى كېرەك.
بىرىنچى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلىسەك. جۇڭگو سېربىيەنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، سېربىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ داۋاملىق بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكى ۋە تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.
ئىككىنچى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت ياراتساق. جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈنۈمى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ قاتناش ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈريولىنىڭ سېربىيە بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاش نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى چوڭ تۈرلەرنى بىرلىكتە ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ «كىچىك ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، پائال ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو-سېربىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ، جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا ئېچىۋېتىشى يېڭى باسقۇچقا كىرىدۇ. جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئۆزگىچە ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا 300 سېربىيەلىك ياش-ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىشنى خالايدۇ. سېربىيەنىڭ بېلگرادتىن شاڭخەيگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمىز.
ئۈچىنچى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ھەمكارلىق ئىستىقبالىنى ئېچىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرساق. جۇڭگو كەلگۈسى ئۈچ يىلدا سېربىيەلىك 50 ياش ئالىمنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ پەن تەتقىقات ئالماشتۇرۇش زىيارىتىدە بولۇشىنى قوللايدۇ، سېربىيە بىلەن سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ سۈنئىي ئەقىلنى مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا، گۇرۇھ سىياسىيسى ۋە لاگېر قارشىلىشىشقا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
ۋۇچىچ رەئىس شى جىنپىڭنى ئەڭ قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئەڭ سەمىمىي دوستى. سېربىيە كىچىك دۆلەت، لېكىن، جۇڭگو سېربىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلىكىگە باشتىن-ئاخىر تولۇق ھۆرمەت قىلدى، سېربىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قىممەتلىك قوللىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ دۇنيا داھىيسى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىدىكى ماياكقا ئايلىنىپ، خەلقئارا ئىشلاردا كۈنسايىن مۇھىم رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيا خەلقىگىمۇ پايدا يەتكۈزدى. سېربىيە خەلقى جۇڭگودىن، بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭدىن ئىنتايىن مىننەتدار شۇنداقلا ھۆرمىتى بەك چوڭ، جۇڭگودەك مۇشۇنداق ئۇلۇغ دۆلەت بىلەن جانجىگەر دوست بولالىغانلىقىدىن چىن قەلبىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە ئىپتىخارلىنىدۇ. سېربىيە جۇڭگونىڭ تەيۋەن قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، سېربىيە قىلچە ئىككىلەنمەستىن، قىلچە تەۋرەنمەستىن جۇڭگونى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ.
ۋۇچىچ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىقى سېربىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى شۇنداقلا سېربىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. بولۇپمۇ 2016-يىلىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، خېگاڭ گۇرۇھى سىمېدارېۋو پولات زاۋۇتى غايەت زور ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، پولات زاۋۇتىنىڭ تەقدىرى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگىرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئاممىنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ئۈمىدىنى ئاشۇردى. سېربىيەنىڭ كەلگۈسى جۇڭگو بىلەن زىچ باغلانغان. سېربىيە جۇڭگو بىلەن ھەر قايسى ساھە، ھەر قايسى قاتلام ئالماشتۇرۇشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭىلىق يارىتىش، سۈنئىي ئەقىل، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈريولىنىڭ سېربىيە بۆلىكى قۇرۇلۇشىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سېربىيەگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىپ، سېربىيە-جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۈگۈن بىز سېربىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى سېربىيە-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى جاكارلىدۇق، بۇ، جەزمەن سېربىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى نامايەندە بولۇپ قالىدۇ. سېربىيە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم ئۇنىڭغا پائال قاتنىشىدۇ، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، زومىگەرلىك، زوراۋانلىققا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسىنىڭ باش مەقسىتى، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدايدۇ.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات»نى بىرلىكتە ئىمزالىدى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئۇل ئەسلىھە، ئىقتىساد-تېخنىكا، ئۇچۇر خەۋەرلىشىش، يېزا ئىگىلىك ۋە يېمەكلىك، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.
شۇ كۈنى چۈشتە، ۋۇچىچ ۋە تامارا سېربىيە سارىيىدا شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن شەرىپىگە داغدۇغىلىق قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.