شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن يۇقىرى پىرېنېس ئۆلكىسىدە جۇڭگو ـ فىرانسىيە دۆلەت باشلىقلىرى كىچىك دائىرىلىك ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى

2024.05.08 11:10 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى يۇقىرى پىرېنېس ئۆلكىسىگە كېلىپ زىيارەتتە بولدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى تاربېس ئايروپورتىدا ماكرون ۋە رەپىقىسى برىگىت قىزغىن كۈتۈۋالماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى يۇقىرى پىرېنېس ئۆلكىسىگە كېلىپ زىيارەتتە بولدى. سۈرەتتە: تۇرمالېت تاغ ئېغىزىدىكى «پادىچىلار ئۆتىڭى»دە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ماكرون ۋە رەپىقىسى برىگىت بىلەن بىرلىكتە شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئورۇنلىغان قويۇق جەنۇبىي فىرانسىيە ئۇسلۇبىدىكى پادىچىلار ئۇسسۇلىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى يۇقىرى پىرېنېس ئۆلكىسىگە كېلىپ زىيارەتتە بولدى. سۈرەتتە: تۇرمالېت تاغ ئېغىزىدىكى «پادىچىلار ئۆتىڭى»دە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ماكرون ۋە رەپىقىسى برىگىت بىلەن دېرىزە تەرەپتە ئولتۇرۇپ، ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنى، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكروننىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ پارىژدىن ئايرىلىپ، فىرانسىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى يۇقىرى پىرېنېس ئۆلكىسىگە كېلىپ زىيارەتتە بولدى.

  ماكرون ۋە رەپىقىسى برىگىت ئالدىن يېتىپ كېلىپ، يۇقىرى پىرېنېس ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقى سارومېن قاتارلىق فىرانسىيە يەرلىك ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنى باشلاپ تاربېس ئايروپورتىدا قىزغىن كۈتۈۋالدى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىنىڭ ماكرونغا نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان يۇقىرى پىرېنېس ئۆلكىسىگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

  ئەتىيازدىن يازغا ئۆتۈۋاتقان مەزگىلدىكى جەنۇبىي فىرانسىيە تاغلىق رايونىدا ئاپئاق قارلار ئېرىپ، ئېرىقلاردا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، تاغ گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان، ئەتراپ يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى.

  ماكرون زۇڭتۇڭ بىلەن برىگىت تۇرمالېت تاغ ئېغىزىدىكى «پادىچىلار ئۆتىڭى»دە شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى، ئۇلار بىرلىكتە شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى ئورۇنلىغان قويۇق جەنۇبىي فىرانسىيە ئۇسلۇبىدىكى پادىچىلار ئۇسسۇلىدىن ھۇزۇرلاندى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي سۈرەتكە چۈشتى.

  ئۆتەڭدىكى ياغاچ ئۆي سىرتىدا، ئەتىيازلىق قار ئۇچقۇنداۋاتاتتى، بۇلۇت دېڭىزى پايانسىز ئىدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى دېرىزە تەرەپتە ئولتۇرۇپ، تاغلارغا نەزەر سېلىپ، شۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرىغا ئېغىز تېگىپ، دۇنيا ۋەزىيىتى ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، ئازادە، خۇشال كەيپىياتتا بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر 5000 يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان، شۇنداقلا ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ قالمىغان تارىخى ئۇزاق مەدەنىيلىك. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، جۇڭگولۇقلاردا ناھايىتى كۈچلۈك بولغان دۆلەت ئىدىيەسى بار، بولۇپمۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. نۇرغۇن خۇاچياۋلار مەملىكەت سىرتىدا كۆپ يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ساقلاپ، ۋەتەننىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورايغانلىقىدىن چىن قەلبىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ. مەن زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، دائىم نۇرغۇن خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن يول ياقىسىدا كۈتۈپ تۇرۇپ قارشى ئالغانلىقىنى كۆرىمەن. ھازىر جۇڭگو بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇردى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇدا كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە گەرچە ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا شەرق ـ غەرب مەدەنىيلىكىگە تەۋە بولۇپ، قىممەت قارىشى، جەمئىيەت تۈزۈمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئوخشاشلا مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈپ، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشسا بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە ۋە ياۋروپا بىلەن ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا توغرا تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ـ فىرانسىيە، جۇڭگو ـ ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ھېكايىسىنى ياخشى مۇستەھكەملەش ۋە ئۇنىڭغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشنى خالايدۇ.

  ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر جۇڭگودىكى زىيارەت، بولۇپمۇ گۇاڭجوۋ سۇڭيۈەندىكى ئۇچرىشىش مەندە چوڭقۇر، گۈزەل تەسىرات قالدۇردى. رەئىس ئەپەندى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگونىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىدىيەسى ۋە تەرەققىيات مۇساپىسىنى چۈشەندىم، جۇڭگونىڭ مۇھىم مەسىلىلەردىكى مەيدانىغا بولغان تونۇشۇم چوڭقۇرلاشتى. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت ئېنىقسىزلىققا تولغان، ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشنى ۋە ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم، ياۋروپانىڭ جۇڭگو بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو ھەر ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ رول ئويناشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون ۋە رەپىقىسىنىڭ قىزغىن تەكلىپ قىلغانلىقى ۋە كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈن مەن ۋە رەپىقەم زۇڭتۇڭ ماكرون ۋە رەپىقىسى بىلەن گۈزەل، ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدۇق. زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن دائىملىق ئالاقىلىشىپ، ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو ـ فىرانسىيە مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بۇ ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. زۇڭتۇڭ ماكروننىڭ قولايلىق ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمەن.

  ئايرىلىش پەيتىدە، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى پادىچى ناخشىسى ئېيتىپ، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەننىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى ھەم ئۇلارنى يەنە كېلىشكە قىزغىن تەكلىپ قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى مەندە چوڭقۇر تەسىرات قالدۇردى. فىرانسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۆيىگە كىرىشىنى قارشى ئالىمەن، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ دوست فىرانسىيە خەلقىنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇشىنى قارشى ئالىمەن.

  ماكرون بىلەن برىگىت شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەنگە ھەمراھ بولۇپ تۇرمالېت تاغ ئېغىزىدىن ئايرىلىپ تاربېسقا قايتتى ھەم ئايرودۇرۇمدا رەسمىي ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بېيجىڭدا يەنە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشتى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ فىرانسىيەدىن ئايرىلىپ بېلگرادقا بېرىپ، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچنىڭ تەكلىپى بىلەن سېربىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ