جۇڭگو - فىرانسىيە دۆلەت باشلىقلىرى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى ئۆزئارا سوۋغا قىلدى

2024.05.08 14:41 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پارىژدىكى ئېلسې سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتىن بۇرۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە رەپىقىلىرى ئۆزئارا سوۋغات تەقدىم قىلىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ مەشئىلى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى.

  ئېلسې سارىيىنىڭ 1 - قەۋىتىدىكى پورترېت زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچ مەشئىلى كۈلرەڭ مەرمەر تاش ئۈستەل ئۈستىگە قاتار تىزىلغانىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرونغا بېيجىڭ قوش ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى سوۋغا قىلدى، زۇڭتۇڭ ماكرون پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى جاۋابەن سوۋغا قىلدى. بېيجىڭ ئىلگىرى 2008 - يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە 2022 - يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەن، پارىژ بولسا بۇ يىل 7 - ئايدىن 8 - ئايغىچە 33 - نۆۋەتلىك يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدۇ.

  «فىرانسىيە تەنتەربىيە كۈچلۈك دۆلىتى، مەن پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن. جۇڭگو تەرەپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ۋەكىللەر ئۆمىكىنى فىرانسىيەگە مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىدۇ» دېدى رەئىس شى جىنپىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ.

  شۇ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ ماكرون بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، جۇڭگو تەرەپنىڭ فىرانسىيە تەرەپنىڭ پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بىلدۈردى.

  رەئىس شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى پۇرسەت بىلىپ، تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەزگىلىدە پۈتۈن يەرشارىدا ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ