شى جىنپىڭ سېربىيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2024.05.08 11:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچتە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېلگرادقا يېتىپ بېرىپ، سېربىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.

  شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان سېربىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەندىن كېيىن، سېربىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى قوغداپ ماڭدى. شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن بېلگراد نىكولاي تېسلا خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارغاندا، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ ۋە رەپىقىسى، جۇڭگو ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى، سابىق زۇڭتۇڭ نىكولىچ ۋە رەپىقىسى، پارلامېنت باشلىقى بىرنابىچ، زۇڭلىسى ۋۇچېۋىچ ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جۇرىچ قاتارلىقلار قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  ۋۇچىچ ئايرودۇرۇمدا شى جىنپىڭ شەرىپىگە ئۆزگىچە كۈتۈۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. سېربىيە ئۆسمۈرلىرى شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلىپ، جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلاتتى، مىللىيچە كىيىنگەن سېربىيە ئاممىسى ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. 2016-يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتتە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، كىشىلەرنىڭ ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، جانجىگەر دوستلۇق كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. جۇڭگو-سېربىيە ھەمكارلىقى باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىغا قۇرۇلغان، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو سېربىيە بىلەن بىرلىكتە ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ كۈچلۈك، ساھەسى تېخىمۇ كەڭ، سۈپىتى تېخىمۇ يۇقىرى ھەمكارلىق يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى خالايدۇ. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دوستلۇق ئۈستىدە ئورتاق سۆزلىشىپ، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى پىلانىنى تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ قېتىمقى زىيارەتتە چوقۇم مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇڭگو-سېربىيە مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھلىرىمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ سېربىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى مىڭمۇ ئايرودۇرۇمغا بېرىپ كۈتۈۋالدى.

  شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايرودۇرۇمدىن ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىغا بېرىش يولىدا، بېلگراد شاد-خۇراملىققا چۆمۈلدى. جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ھەممە يەردە لەپىلدىدى، نۇرغۇن جايلاردا «جۇڭگو قىزىلى» نامايان بولدى، چوڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكراندا «سۆيۈملۈك جۇڭگولۇق دوستلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز» دېگەن خەتلەر تەكرار كۆرسىتىلدى.

  سېربىيەدە تۇرۇۋاتقان جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار، شۇنداقلا سېربىيە ئاممىسى ئۆزلۈكىدىن يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت بايراقلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ