شى جىنپىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى

2024.05.07 21:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پارىژ ئېلىس سارىيىدا فرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا جۇڭگونىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھىلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىن ئىبارەت بۇ تىراگېدىيەنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىشى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانىغا نىسبەتەن بىر سىناق، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەك. بىز غەزەدە دەرھال ئومۇميۈزلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئۇرۇش توختىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇراجەت قىلىمىز، پەلەستىننىڭ ب د ت غا رەسمىي ئەزا دۆلەتكە ئايلىنىشىنى قوللايمىز، پەلەستىننىڭ مىللىي قانۇنلۇق ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى قايتىدىن باشلاپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدىكى مەيدانىنى كۆپ قېتىم شەرھىلىدى. جۇڭگو بۇ كىرىزىسنى پەيدا قىلغۇچى تەرەپ ئەمەس، ھەم ئالاقىدار تەرەپ، قاتناشقۇچى تەرەپمۇ ئەمەس، ئەمما بىز تاماشا كۆرمىدۇق، بەلكى تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ئاكتىپ رول ئويناۋاتىمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا-ئاسىيا ئىشلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى ئۈچىنچى نۆۋەتلىك ياراشتۇرۇشنى باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ئۇكرائىنا كىرىزىسىدىن پايدىلىنىپ مەسىلىنى باشقىلارغا ئارتىپ، ئۈچىنچى دۆلەتكە قارا چاپلاپ، «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» غا قۇتراتقۇلۇق قىلىشقا قارشى تۇرىمىز. تارىخ ھەرقانداق توقۇنۇشنىڭ ئاخىرىدا پەقەت سۆھبەت ئارقىلىقلا ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدى، بىز ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۇچرىشىش ۋە سۆھبەتنى قايتىدىن باشلاپ، ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى تەدرىجىي توپلاشقا مۇراجەت قىلىمىز، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر باراۋەر قاتناشقان، بارلىق تىنچلىق لايىھەسىنى ئادىل مۇزاكىرە قىلىدىغان خەلقئارالىق يارىشىش يىغىنى ئېچىشىنى قوللايمىز، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، سىجىل ياۋروپا بىخەتەرلىك رامكىسى قۇرۇشنى قوللايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ