«يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر» (خەلقئارا نۇسخىسى) فىرانسىيەدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلدى

2024.05.09 13:31 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو مەركىزىي رادىيو ـ تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»(خەلقئارا نۇسخىسى)نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى 5 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى فىرانسىيە پارىژدا ئۆتكۈزۈلدى. پىروگرامما سىن ھەمبەھرىلەش تور بېكىتى «كۈندىلىك سىنلىق خەۋەرلەر»، ياۋروپا ئاخبارات ئىستانسىسى قاتارلىق فىرانسىيەدىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلدى. پىروگرامما ھەم ئۇنىڭ تەشۋىقات فىلىمى قاتارلىقلار يەنە فىرانسىيە BFM ئىقتىساد تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ياۋروپا ۋە پۈتۈن يەرشارىدىكى 100گە يېقىن ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇسىدا ئارقا ـ ئارقىدىن تارقىتىلدى.

  «يېقىشلىق <سۆز>لەر − شى جىنپىڭ ياقتۇرغان ئۆرنەكلەر»(خەلقئارا نۇسخىسى)دە رەئىس شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز، ماقالە ۋە سۆھبەتتە نەقىل كەلتۈرگەن شېئىر ئۆرنەكلىرى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، دىققەت يېشىل تەرەققىيات، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، ئورتاق بېيىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق باش تېمىلارغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس سىياسىي ئەقىل ـ پاراسىتى ۋە چوڭقۇر تارىخ، مەدەنىيەت ئاساسى جانلىق نامايان قىلىنغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ