شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن جۇڭگو - فىرانسىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى

2024.05.07 13:14 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 5 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەكلىپ بىلەن پارىژدىكى ئېلسې سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن جۇڭگو - فىرانسىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ياۋروپانى جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇھىم يۆنىلىشى ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھ دەپ بىلىدۇ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتى، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۈگۈنكى دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى مۇھىم كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمراھلىق ئورۇن بېكىتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە كەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە بولۇپ، 3 - تەرەپكە قارىتىلمىغان، 3 - تەرەپكە بېقىنمايدۇ، شۇنداقلا 3 - تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگىمۇ ئۇچرىمايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپپاراتلىرىنىڭ جۇڭگوغا قارىتا توغرا تونۇش تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوغا قارىتا ئاكتىپ سىياسەت تۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قوغدىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ھەمدە ئىستراتېگىيە، ئىقتىساد - سودا، يېشىل بولۇش، رەقەملىشىش بويىچە يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مۇقىم، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشى كېرەك. جۇڭگونىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ۋە چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارنىڭ جۇڭگوغا كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق ئىچى ۋە يەرلىكلەر ئالاقىسى، مائارىپ ۋە پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسى ۋە ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتىنى ياخشىلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى ئېچىۋېتىش رىقابىتىدە ھەقىقىي ماھارەتنى يېتىلدۈردى، ئۇ ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، يەرشارىۋى تەمىناتنى بېيىتىپلا قالماي، يەرشارىۋى پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى يېنىكلەتتى، شۇنداقلا يەرشارىۋى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشكە غايەت زور تۆھپە قوشتى. مەيلى سېلىشتۇرما ئەۋزەللىك ياكى يەرشارىۋى بازار ئېھتىياجى نۇقتىسىدىن قارىغاندا بولسۇن، ھەممىسىدە ئاتالمىش «جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى مەسىلىسى» مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتى ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش بولۇپ، ئىككى تەرەپ يېشىل ۋە رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىشتە كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە غايەت زور ھەمكارلىق بوشلۇقىغا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

  ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، فىرانسىيە - جۇڭگو ھەمكارلىقىدا نۇرغۇن مۇھىم نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ فىرانسىيەدە 3 - قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە فىرانسىيە - جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلگەنلىكىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. بۇ ھەم ئىلگىرىكى بىرنەچچە قېتىملىق فىرانسىيە - جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىنىڭ داۋامى، ھەم تۈرلۈك خەلقئارا خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجى. ھازىر دۇنيا زور خىرىسقا دۇچ كەلدى، خەلقئارا ۋەزىيەت ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، فىرانسىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق، بۇ ياۋروپانىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، فىرانسىيە بىلەن جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىش»نى ئېتىراپ قىلمايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ياۋروپانىڭ قىممەت زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، دېڭىز - ئوكياننىڭ كۆپ خىللىقى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ۋوندېرلېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ياخشى، كېلەر يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. جۇڭگونىڭ يەرشارىۋى ئىشلاردىكى ئورنى ۋە رولى ئىنتايىن مۇھىم، جۇڭگو بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاش ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش - تۇرالماسلىقنى بەلگىلەيدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خاتا چۈشىنىشتىن ساقلىنىپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ يېشىل تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش جەھەتتە كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى قوغداش جەھەتتىكى ھەققانىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن داۋاملىق سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ، فىرانسىيە تەرەپ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ھەممىسى تېزدىن ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشنى، ياۋروپادا تىنچلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەممىسى ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى قوللايدۇ. بىز ئۇرۇشنىڭ سىرتقا يامراپ ئۇلغىيىپ كېتىشىگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئورتاق ھالدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ، خەلقئارا ئېنېرگىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى پەيدا قىلغۇچى ئەمەس، ئالاقىدار تەرەپمۇ ئەمەس، ئىزچىل ياراشتۇرۇش ئۈچۈن پايپېتەك بولۇپ، سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئوبيېكتىپ، ئادىل مەيدانى ۋە ئىجابىي رولى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.

  پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى توغرىسىدا شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپە ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەڭ مۇھىمى ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تۈپ چىقىش يولى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا دۆلەت قىلىپ قوبۇل قىلىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇشقا ئىگە. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈملۈك خەلقئارا تىنچلىق يىغىنىنى تېزرەك ئېچىپ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نىڭ كونكرېت ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا مەدەت بېرىشنى خالايدۇ.

  ئۈچ رەھبەر مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى بىر - بىرىمىزنى چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش پىكىر يولىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، داۋاملىق تۈردە ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايمىز.

  سەي چى، ۋاڭ يى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ