باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ سەلتەنەتلىك مىلودىيەسىنى ياڭرىتايلى

— «جۇڭگو ئارزۇسى» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىقىغا ئاتالغان ماقالە

2017.11.29 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، خۇ خاۋ، جۇ جىچا، دىڭ شياۋشى

  جۇڭگو ئارزۇسى سانسىزلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ يۈرەك تارىسىنى تىترەتتى، ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ سەلتەنەتلىك مىلودىيەسىنى ياڭراتتى.

  پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر، پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ۋە بىر نىيەتتە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

  بۈگۈن، بىز يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرغىنىمىزدا، ئارزۇغا يېتىش يولىمىزنىڭ تېخىمۇ ئايدىڭلاشقانلىقىنى، ئارزۇغا يېتىش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىنىڭ تېخىمۇ پۇختىلانغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سانسىزلىغان خەلق كۈچ ئۇلاپ كۆرەشنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئالغا باسىدىغان كۆرەش قىياپەت ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلىمەكتە.

  يىپيېڭى مىلودىيەنى يارىتايلى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېڭى دەۋردە ئارزۇغا يېتىشنىڭ پەدىسى بىلەن مىلودىيەسىنى پۈتتى

  شاڭخەيدىكى شىڭيې يولى (گۈللىنىش مەنىسىدە)، تارىخىي يولدۇر، قىزىللىق ئۇدۇم بولغان بۇ تاش ئىشىكلىك بۇ ئىمارەتنىڭ ئالدى ھازىر ئىكىسكۇرسىيەچىلەر ئۇزۇن ئۆچىرەت ھاسىل قىلدى. بۇ يىل قىش بۇ يەر قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگۈسى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئاخىرلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەي، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىلىقىغا يەنە سايلانغان شى جىنپىڭ يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كېلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان بۇ يەردە ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، پارتىيە قەسىمىنى قايتا ياد ئەتتى.

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتمايمىز، چۈنكى قەلبىمىزگە يۈكسەك ئارزۇ پۈككەن بىز.

  بەش يىلنىڭ ئالدىدا، دۆلەت مۇزېيدىكى «گۈللەندۈرۈش يولى» ئاساسىي كۆرگەزمە زالىدا، ئوخشاشلا پارتىيە قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيوروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق كوللېكىتىپ پائالىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرىنچى قېتىم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  96 يىلدىن بۇيان ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمىدۇق، ئارزۇنىڭ ئۇچقۇنلىرى پۈتۈن جۇڭگونى قاپلىدى؛ بەش يىل مابەينىدە قابىللار مىسلىسىز پۇرسەت ئالدىدا جەم بولۇپ، ئارزۇنىڭ مەشئەلىنى تېخىمۇ يالقۇنجاتتى.

  «ئىككى 100 يىل» نىڭ تارىخىي گىرەلەشكەن مەزگىلىدە تۇرغىنىمىزدا، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى يېڭى ئىدىيە، يېڭى ھۆكۈم، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما ئارقىلىق كەلگۈسى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇلۇغ پىلاننى تۈزۈپ چىقتى، بۇنىڭ بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ چەكسىز پارلاق ئىستىقبالى تېخىمۇ يارقىنلاشتى.

  ئارزۇغا يېتىش يولىمىزدا، يېڭى ئىدىيە يېڭى دەرۋىمىزنى يۇرۇتۇپ بەرمەكتە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر