خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاينىڭ 28-كۈنى، خاربىن تەيپىڭ خەلقئارا ئايروپورتىدا، جىنايەت گۇماندارلىرى ئايروپىلاندىن يالاپ ئېلىپ چۈشۈلمەكتە.
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ تەشكىللەپ قوماندانلىق قىلىشى بىلەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، رايونلۇق ئۈچ دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى بىرلەشمە ھەرىكەت قىلىپ، نەچچە ئۆلكىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، سودا مەسلىھەتچىلىك شىركىتى نامىدىكى ئالتە ئالدامچىلىق جىنايەت ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلىپ، دېلوغا چېتىشلىق 234 ئادەمنى قولغا ئېلىپ، ج خ مىنىستىرلىقى ھەيدەكچىلىك قىلغان خاربىن شەھىرىدىكى «2017.11.6» بىر قاتار ئالدامچىلىق دېلولىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك پاش قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى