خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 27-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن بۇداپېشتتا 6-قېتىملىق جۇڭگو-ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى، ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپادىكى 16 دۆلەت رەھبىرى يىغىنغا قاتناشتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئاۋستىرىيە، شۋېتسارىيە، گرېتسىيە، بېلوروسىيە ۋە ياۋروپا گۈللىنىش تەتەققىيات بانكىسى كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە يىغىنغا قاتناشتى.
لى كېچياڭ ئالدى بىلەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىلەن بىللە «16+1» ھەمكارلىقىنىڭ بەش يىللىق مۇساپىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان قىسقا فىلىمنى كۆردى.
لى كېچياڭ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بەش يىلدىن بۇيان، رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، «16+1 ھەمكارلىقى» نىڭ سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، مېخانىزمى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى، ھەرقايسى ساھەلەر ھەمكارلىقىدا تېز ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، مۇھىم تەسىرگە ئىگە رايون ھالقىغان ھەمكارلىق مېخانىزمىغا ئايلاندى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى