باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

3-نۆۋەتلىك ئىنسانىي ھوقۇق مەدەنىيەت مۇزېيى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2017.11.29 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 80 يىللىق خاتىرە كۈنى پەيتىدە، جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، جۇڭگو مۇزېي جەمئىيىتى ۋە جياڭسۇ ئۆلكىلىك تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن 3-نۆۋەتلىك ئىنسانىي ھوقۇق مەدەنىيەت مۇزېيى خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنى 28-نويابىر نەنجىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە قاتارلىق 18 دۆلەتتىن كەلگەن مۇزېي، خاتىرە سارىيى مەسئۇللىرى ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىنسانىي ھوقۇق، مەدەنىيەت مۇزېيى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملاردىن بولۇپ 100 گە يېقىن ئادەم يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «تارىخ، تىنچلىق، ئىنسانىي ھوقۇق» بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مەدەنىيەت مۇزېيى ئاپپاراتلىرىنىڭ خاتىرىسى ۋە تارىخىي پاكىتلارنى قوغداش، ئىنسانىي ھوقۇق تىنچلىق تەربىيەسىنى ئېلىپ بېرىش، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىنسانىيەت ئورتاق خاتىرىسىنى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھاكىمە تېمىلىرىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر