- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جاڭ ياڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى
2017.11.29 16:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇدىرى جاڭ ياڭ بىلەن تەشكىلىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇ قاتارلىقلارنىڭ دېلوسىغا چېتىلىدىغان يىپ ئۇچى مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى. تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ئارقىلىق، جاڭ ياڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش، پارا بېرىش-پارا ئېلىش، زور مىقداردىكى مال-مۈلكىنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولماسلىق جىنايىتى بارلىقى ئېنىقلاندى. تەشكىل سۆھبەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، جاڭ ياڭ ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇردى. 23-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن، جاڭ ياڭ ئۆيىدە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر