خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، بىر يولۇچى بېيجىڭ فۇشىڭمېن كۆۋرۈكىدە «جۇڭگو ئارزۇسى» باش تېمىسىدىكى گۈللۈكنى سۈرەتكە تارتماقتا.
«جۇڭگۇ ئارزۇسى» مىليونلىغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، ئۇلۇغ گۈللىنىشتىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك مارشنى ياڭراتماقتا.
بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى يېتەكچى قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولى تېخىمۇ ئېنىق، ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىليونلىغان خەلق داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشماسلىقتەك روھىي ھالەت ۋە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتەك كۈرەش ھالىتى بىلەن، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى