باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە ۋاقتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئۇزارتىلدى

2017.11.28 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنىڭ تەربىيە ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە، ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە ۋاقتى بىر ئاي ئۇزارتىلىپ، يېپىلىش ۋاقتى 2017-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگە تەڭشەلدى.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك يېپىلغاندىن كېيىن، «جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەن بەش يىل» چوڭ تىپتىكى نەتىجىلەر كۆرگەزمىسى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى دەل ۋاقتىدا كۆرگەزمە قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارىنى تارتتى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئېنىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، باش تېمىسى گەۋدىلىك، مەزمۇنى مول، شەكلى جانلىق بولدى. ئۇ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى جانلىق ئەمەلىي ۋاسىتىسىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر