باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلايلى

___ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (2)

2017.02.15 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەرنىڭ قىل دېگەننى قىلىشىغا، قىلما دېگەننى قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنىڭ ئاساسى». باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە باشلىقى، مىنىستىر دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەخسۇس تېمىسىدىكى تەتقىقات ۋە مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش، دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسى ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. بۇ مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چەكلىگەننى قەتئىي قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «مىزان»، «نىزام»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىم تەلىپى. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ھەربىي، خەلقنىڭ ئۆگىنىشىگە قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسىگە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشتا ئالدى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلەر پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىدىيەدە، ئىرادىدە، ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىشىنىڭ ئاساسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۈكسەك نوپۇزى بولغاندىلا پۈتۈن پارتىيەنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولغان، ھەممىدە غالىب كېلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. ھەر كىم ئۆز خاھىشى بويىچە، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىش قىلسا پارتىيە قۇمدەك چېچىلىپ كېتىدۇ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ھەر بىر پارتىيە تەشكىلاتى، ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى، كادىر مەيلى قايسى ساھەدە، قايسى قاتلامدا، قايسى تارماق ۋە ئىدارىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە بويسۇنۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قىل دېگەننى قىلىشقا، قىلما دېگەننى قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. پارتىيەمىزدە ھەركىمنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىشىغا، قىل دېگەننى قىلماي، قىلما دېگەننى قىلىشىغا، يۇقىرىدىن سىياسەت تۈزسە، تۆۋەندىن قارشى تەدبىر قوللىنىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

   مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر