باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىكىنىڭ يېڭى ئۆتكۈر قورالى

2016.12.05 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ قېتىم 6-ئومۇمىي يىغىندا يەنە «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىك نىزامى» ماقۇللاندى، بۇ-تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نازارەتچىلىك نىزامى بولدى، 2003-يىلى «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى نازارەتچىلىك نىزامى» ئېلان قىلىنغان. پارتىيەنىڭ نازارەت خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، بۇرۇنقى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ ئىچىدە پەيدا بولغان مەسىلىلەرنى يەكۈنلەش ئۈچۈن، يېڭى نىزامنى قاراتمىلىق چىقىرىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇش بىلەن تۈزۈم جەھەتتىن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئىدىيە جەھەتتىن پارتىيە قۇرۇش-جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، بۇ-بىزنىڭ ئەۋزەللىكىمىز، پارتىيەمىز نەزەرىيەنى ئۆزلۈكسىز يېڭىلاش ھەم بۇ يېڭى نەزەرىيەلەر بىلەن پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارنىڭ مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق، پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلارنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ئاڭلىق ساقلاشقا يېتەكلەيدۇ. ئىدىيە قۇرۇلۇشى-پۈتۈن پارتىيەنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، مۇجەسسەملەشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى، بىزنىڭچە، پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلىرىمىزغا ئېتىقادىمىز، غايىمىز، باش مەقسىتىمىزنى مەھكەم ئەستە تۇتقۇزۇش كېرەك.

  لېكىن ئىدىيەۋى تەربىيەگىلا تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، يەنە قائىدە، تۈزۈم چەكلىمىسىمۇ بولۇشى كېرەك، شۇڭا باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈزۈم جەھەتتىن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. بىز ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىقتىن ئىبارەت بۇ تەلەپلەرنى پارتىيە نىزامنامىمىز، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزامىغا سىڭدۈرۈشىمىز، ئارقىدىن پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلىرىمىز بۇ تەلەپلەر بويىچە ئىش قىلىشى شەرت، ئەگەر بۇ تەلەپلەر بويىچە ئىش قىلمىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنى بەدەل تۆلەتكۈزۈش لازىم.

  بۇ قېتىم مىزاندا، پارتىيەنىڭ ئىچكى نازارەت ۋەزىپىسىنىڭ نېمىلىكى ئالاھىدە تەكىتلەندى، بۇ ۋەزىپە-پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە ئۈنۈملۈك ئىجرا قىلىنىشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاجىز بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشى يېتەرسىز بولۇش، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش كۈچلۈك بولماسلىق، پارتىيە قارىشى سۇس بولۇش، تەشكىل چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئىنتىزام بوش بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش بوش بولۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىشتىن ئىبارەت.

  بۇ قېتىم نازارەتچىلىك نىزامىدا، پارتىيە ئىچكى نازارىتىنىڭ نۇقتىلىق ئوبيېكتى-پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرى ۋە رەھبىرى كادىرلار، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرى كادىرلار دەپ ئالاھىدە تەكىتلەندى. بىزنىڭچە بۇنداق تەكىتلەش-سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنى تەكىتلەش بىلەن بىردەك. چۈنكى دەرىجىسى يۇقىرى كادىرلارنىڭ كۆپ ھاللاردا رەھبەرلىك ئورنى يۇقىرى، ھوقۇقى مۇھىم بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقى، مەسئۇلىيىتىنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقى، ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقى-پارتىيەمىزنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ. ئەگەر بۇ ئادەملەر ياخشى ئىشلىسە، ئۇنداقتا پارتىيەمىز ئىچىدە يۇقىرى تۆۋەنگە ئۈلگە بولۇش رولىنى ئوينايدۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەھۋالىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇڭا، رەھبىرى كادىرلار، بولۇپمۇ ئالىي رەھبىرى كادىرلارنى چوقۇم ياخشى نازارەت قىلىپ، ئۇلارنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە مەسىلىلەرنى ئاڭلىق ئويلاپ، ئاڭلىق ئىش قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر