باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا دەۋرگە مۇناسىپ جاۋاب بېرەيلى

--ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ھارپىسىدا

2016.10.24 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چوقۇم قاتتىق بولۇش كېرەك.

  بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بوران-چاپقۇنلۇق 95 يىل جەريانىدا، دۆلەتنى ھالاكەت خەۋپىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، گۈللىنىشكە يېتەكلىگەنلىكىنىڭ دەۋر ئىلھامى.

  بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئۇلۇغ گۈللىنىش سەپىرىگە ئاتلىنىش جەريانىدا، خەلقنى يېتەكلەپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن جاراڭلىق قەسىمى.

  بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەڭگۈ توختىماي ئىمتىھانغا قاتنىشىش يولىدا، ئەسلىي مەقسەت بويىچە بېرىدىغان يېڭى جاۋابى. تارىخ شاھىت بولماقتا، خەلق كۈتمەكتە. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنى 2016-يىل 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ شانلىق مۇساپىسىدە، دەۋر ئىزىنى قالدۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى تېخىمۇ بىپايان يېڭى زېمىنغا باشلاپ كىرىشكە يېتەكلەيدۇ.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» نى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش كېرەك

  «بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشى كېرەك. بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز-پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاپ، پارتىيەمىزنى باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلاندۇرۇش.»

  تۆت يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىپىگە يېڭى ئولتۇرغاندا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى ئالدىدا كەسكىن ھالدا مۇشۇنداق جاكارلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىدى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر