- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى پى جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرىلىق ۋەزىپىسىگە رەسمىي تەيىنلەندى
28- ئۆكتەبىر تاراتقۇلار بىلەن كۆرۈشىدۇ
2016.10.24 13:58 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- ئۆكتەبىر كەچتە، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى تەرەپ تورىدا، ئىتالىيەلىك باش تىرېنېر لى پىنىڭ جۇڭگو ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرىلىق ۋەزىپىسىگە رەسمىي تەيىنلەنگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
پۇتبولچىلار جەمئىيىتى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى دۆلەت كوماندىسىنىڭ تېرنېر تاللاپ تەكلىپ قىلىشى تەرتىپى بويىچە، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە كېڭىشىشى ئارقىلىق، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى2016-يىلى 22-ئۆكتەبىردىن باشلاپ، مارسېلو لى پى ئەپەندىنى جۇڭگو دۆلەت ئەرلەر پۇتبول كوماندىسىنىڭ باش تىرېنېرىلىق ۋەزىپىسىگە رەسمىي تەيىنلىدى.
جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى 2016- يىلى 28- ئۆكتەبىر بېيجىڭدا تاراتقۇلار بىلەن رەسمىي يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى ئاچىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر