باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

_باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغانلىقى توغرىسىدا

2016.08.23 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساغلاملىق-خەلقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى ۋە دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ساقلىق ساقلاش ۋە ساغلاملىق يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، «خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك، تولۇق دەۋرىيلىك كاپالەتلىك قىلىش» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇتەخەسىس، ئالىملار، كەسپىي زاتلار ۋە ئاساسىي قاتلام ئاممىسى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتىدىن باراۋەر بەھرلەندۈرۈش پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى «ئادەمنى ئاساس قىلىش» ئىدىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ساغلام جۇڭگونى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجسسەملەيدۇ.

  «ساغلام، مەدەنىي ياشاش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ساقلىق ساقلاش، ئومۇميۈزلۈك ساغلام بولۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، كېسەل داۋالاشنى مەركەز قىلىشنى خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى مەركەز قىلىشقا ئايلاندۇرۇپ، ساغلاملىق تەربىيەسى سىستېمىسىنى ئورنۇتۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق چېنىقىشى بىلەن ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى چوڭقۇر بىرىكتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى جامائەت ساغاملىقى ئىنىتىتۇتىنىڭ پروفېسسورى خۇ شەنليەن تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقى بولمىسا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتمۇ بولمايدۇ. ساغلاملىقنى ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش تەركىبىگە كىرگۈزگەندە، جەمئىيىتىمىزنىڭ مەدەنىي ئىلگىرىلىگەنلىكىنى تېخىمۇ نامايان قىلالايمىز». خۇ شەنليەن مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئومۇميۈزلۈك ساغلاملىق مۇلازىمىتى فىزىئولوگىيەلىك ساغلاملىقتىن باشقا يەنە پىسخىكا ساغلاملىقى، ئەخلاق جەھەتتىكى ساغلاملىق، ئىجتىمائىي ساغلاملىق، مۇھىت ساغلاملىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلار بىرلىشىپ مۇكەممەل ساغلاملىق ئۇقۇمىنى ھاسىل قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر