باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

چىرىكلىككە چوقۇم قارشى تۇرۇش، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلارنى چوقۇم جازالاش كېرەك

2016.07.26 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق خىيانەتچىلىككە تاقەت قىلمايدۇ، قانۇن چىرىكلىككە يول قويمايدۇ. ھەربىي سوت 25-ئىيۇل مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن سابىق رەئىسى گو بوشيۇڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قانۇن بويىچە 1-سوت ھۆكۈمى چىقاردى. بۇ دېلوغا قانۇن بويىچە قاراپ چىققانلىقى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتىكى قەتئىي پوزىتسىيەسى، كۈچلۈك دورا بىلەن كېسەلنى ساقايتىش، سۆڭەكنى قىرىپ زەھەر قايتۇرۇشتەك قەتئىي جاسارىتى، چىرىكلىككە قانۇن بويىچە قارشى تۇرۇپ، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشتەك قەتئىي ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى.

  گو بوشيۇڭ دېلوسىغا ئىچكىرىلەپ قارايدىغان بولساق، قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ ئەيىبلەشتىن، قانۇن بويىچە قاراپ چىقىپ 1-سوت ھۆكۈمى چىقىرىلغىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا ئەمەلىيەت ئاساس، قانۇن ئۆلچەم قىلىنىپ، « قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى بىلەن چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش» ئاساسىي ئىدىيەسى ئىزچىللاشتۇرۇلغان. ھەر بىر چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش دېلوسى بىر ئورتاق سىگنال بەردى: پارتىيە ۋە ئارمىيە ئىچىدە ھەر قانداق ئالاھىدە پارتىيە ئەزاسىنىڭ بولۇشىغا بولمايدۇ، قانۇن ئىدارە قىلىشتا گۇناھىدىن ئۆتىدىغان كەچۈرۈمنامە يوق، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان ھەر قانداق كىشى چوقۇم ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  «ئارمىيەنىڭ قولىدا قورال بار، چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلارغا يوشۇرۇنىدىغان جاي بېرىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ» ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشتا زەھەرلىك ئۆسمىنى ئېلىۋېتىش بىلەن بىرگە زەھەرنىمۇ پاكىز تازىلاش؛ ئارمىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش بىلەن بىرگە قانۇن ئىدارە قىلىشتا قەتئىي بولۇشى كېرەك، بۇ قۇدرەتلىك ئارمىيە قۇرۇشنىڭ تۈپ قانۇنىيىتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنى ئارمىيە قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسلىق تاكتىكىسى قىلدى، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمي يىغىنىدا ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈلدى. يولدىن چىقىش، چەكتىن ئېچىشقا يوچۇق قويماي، تۈزۈم «قەپىسى»نىڭ سىرتىدا ئالاھىدە بولۇشقا قەتئىي يول قويماي، چىرىكلىكنى رەت قىلىپ، ئىستىل ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، نازارەت قىلىشتا تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرغاندىلا، پولات سېپىلنىڭ ئۇلى تېخىمۇ مۇستەھكەم بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش ئاكتىپ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر