باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق نۇر چاچقان زېمىن

ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (3)

2013.02.26 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىجتىمائىي ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش ـــــ 18-قۇرۇلتاينىڭ تەنتەنىلىك ئەھدىسى. بۇنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە، رىياللىققا قانداق ئايلاندۇرۇش كېرەك؟ بۇنىڭغا مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىرى كۆڭۈل بۆلمەكتە، ئامما تەشنا بولماقتا.

  يىل بېشىدا ئېلان قىلىنغان مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۈججىتىدە «يېزا، يېزا ئىگىلىكى ۋە دېھقانلار» داۋاملىق ئاساسىي تېما بولدى. 700 مىليون دېھقان زامانىۋىلاشتۇرۇش جەريانىغا باراۋەر ئىشتىراك قىلىدىغان يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى. چاغاننىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كىرىم تەقسىماتى ئىسلاھاتىنىڭ لايىھەسىدە رېيال تۇرمۇشتىكى مەسىلىلەرنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، «كىرىمنى ھەسسىلەش»، «پەرقنى كىچىكلىتىش» نىشانى تۇرغۇزۇلدى. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، بۇندىن سەل ئىلگىرى ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر چاقىرغان ئىككى يىغىندا ئالاقىدار سىياسەتلەر بېكىتىلدى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەدبىرلىرى ئوتتۇرغا قويۇلدى.

  ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق ـــــ خەلقنىڭ ئارزۇسى، بەختنىڭ ئۆلچىمى. ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق 18-قۇرۇلتاي روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ھەر دەرىجىلىك كادىرلاردىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش جەھەتتە ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە