باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

«بىر سۆزدىكى ئۆزگىرىش»تە ئەكس ئەتكەن تەنتەنىلىك ۋەدە

2012.11.13 14:26        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي تېمىسى «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى» بولۇپ، بۇ تېمىنى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى، شۇنداقلا ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى. 16-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش»تىن تارتىپ 18-قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش»قىچە، «بىر سۆزدىكى ئۆزگىرىش» پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى كۈچلۈك غەيرىتى ۋە ئىشەنچىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

  16-قۇرۇلتايدىن بۇيانقى ئون يىلدا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، سارس يۇقۇمى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى، ۋېنچۈەندىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ئاپىتى قاتارلىق بىر قاتار چوڭ خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا كۆتۈردى، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، سىياسىينى دېموكراتىيەلەشتۈرۈش، جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالەمشۇمۇل يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

  يېڭى مۇساپىدە خەتەر ۋە خىرىس يەنىلا مەۋجۇت، بولۇپمۇ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا بىر قاتار كۈچلۈك خىرىس ۋە قىينىچلىققا ئۇچرىشىمىز مۇمكىن، بىراق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئېغىشماستىن ئىلگىرى سۈرۈپ، قەتئىي بىر ئىزدا توختاپ قالماي، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغاتساقلا، ئىلگىرىلەش يولىدىكى قىيىنچىلىق ۋە كاشىلىلارنى يېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك كۈرەش نىشانىغا قەرەلىدە يېتەلەيمىز.

  «بىر سۆزدىكى ئۆزگىرىش»تە پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە قىلغان دەبدەبىلىك ۋەدىسى ئەكس ئەتتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان پارتىيەمىز دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تارىخىي نەتىجىلەر ئارقىلىق ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلققە بەرگەن ۋەدىسىنى نەقلەشتۈردى. 16-قۇرۇلتايدىن بۇيان، ئېلىمىز ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا دۇنيا بويىچە 6-ئورۇندىن 2-ئورۇنغا ئۆتۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئاھالىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسىنى يەنە بىر باسقۇچ يۈكسەلدۈردى.

  يېڭى تارىخىي پەللىدە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا پارتىيەمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ زور، يۈكى تېخىمۇ ئېغىر. ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى جەزمەن چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تەرەققىياتنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش مۇساپىسىنى ھەممە كىشى ئورتاق قۇرۇش، ھەممە كىشى ئورتاق بەھرىلىنىش مۇساپىسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىنىڭ شانلىق سەھپىسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.

  مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}