باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئىندىيانا ئىشتاتىنىڭ مەركىزىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم قازا قىلدى

2012.11.12 14:41         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-نويابىر تېلېگراممىسى : چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئامېرىكا ئىندىيانا ئىشتاتىنىڭ مەركىزى ئىندىياناپولىسنىڭ جەنۇبىدىكى بىر تۇرالغۇ رايونىدا 10–نويابىر كەچتە غايەت زور پارتلاش يۈز بېرىپ ، ئىككى ئادەم قازا قىلىپ ، ئەتراپتىكى 27 كورپۇس بىنا بۇزۇلۇپ كەتكەن .

  مارىئېمبۇرگ ناھىيەسىنىڭ ساقچى باشلىقى لەيتون مۇنۇلارنى بىلدۈردى : پارتلاش ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ ، كىشىلەر بەش كىلومېتىر يىراقلىقتىمۇ پارتلاشنىڭ كۈچىنى ھېس قىلغان . پارتلاش يەنە كۈچلۈك ئوت ئاپىتىنى پەيدا قىلغاچقا ، نۇرغۇن ئۆيلەر كۆيۈپ كەتتى .

  ئىگىلىنىشىچە ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەسكەن . مىش–مىش پاراڭلارغا قارىغاندا ، بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ پارتلاش يۈز بەرگەن ئىكەن ، لېكىن ئىندىياناپولىس شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى بۇنى ئىنكار قىلغان . ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى پارتلاش تەبىئىي گاز سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ گۇمانلىنىۋېتىپتۇ، نۆۋەتتە ، پارتلاشنىڭ كونكرېت سەۋەبىنى تېخىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ، ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدان خۇددى جەڭ مەيدانىغا ئوخشاپ ، تۆت ئەتراپنى چاڭ–توزان قاپلىغان . نۆۋەتتە ، پارتلاش يۈز بەرگەن جاينىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەر كۆچۈرۈلۈپ بىر مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە