باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ‹‹ ملالە كۈنى ›› نى تەسىس قىلدى

2012.11.12 14:49         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  0- نويابىر ب د ت، ملالەنىڭ تالىباننىڭ تەھدىتىدىن قورقماستىن، پاكىستان قىزلىرى ئۈچۈن تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى زور تۆھپىسىنى ماختاپ، ھەر يىلى 10- نويابىرنى ‹‹ ملالە كۈنى ›› قىلىپ بېكىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  بۇ يىل 14 ياشقا كىرگەن ملالە سۋات رايونىنىڭ تىنچلىقىغا كۈچ چىقارغانلىقى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى. گەرچە تالىبان سۋات رايونىدا ئاياللارنىڭ تەربىيەلىنىشىنى چەكلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ملالە داۋاملىق ئوقۇدى، يەنە تېخى چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئالاقە ئەۋەتىپ، پاكىستان قىز- ئاياللىرى ۋە بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇر 12- ئايدا ، ئۇ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ‹‹ دۆلەت تىنچلىق مۇكاپاتى ›› غا ئېرىشتى ھەمدە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى. بۇ يىل 9 -ئۆكتەبىر، ملالە مەكتەپتىن قايتىش يولىدا قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان، نۆۋەتتە ئۇ ئەنگلىيەدە داۋالىنىۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە