11-نويابىر، بىرمىنىڭ ساگايىڭ ئۆلكىسىدە، بىر يارىدار دوختۇرخانا ھويلىسىدا قۇتقۇزۇۋېلىندى. بىرما دۆلەتلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ، بىرمىنىڭ شىمالىي قىسمىدا 6.8 بال تەۋرىگەن ھەم كۆپ قېتىم قالدۇق يەر تەۋرىگەن، ھازىر تۈرلۈك ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى قانات يايدۇرۇلماقتا. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ تولۇقسىز مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، يەر تەۋرەشتە ئاز دېگەندىمۇ 6 ئادەم قازا قىلىپ، 64 ئادەم يارىلانغان. )شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (ۋۇ ئاڭ فوتوسى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)