باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مىسىردا ئىككى پويىز ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كېتىپ 30دىن ئارتۇق ئادەم تالاپەتكە ئۇچرىدى

2012.11.12 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىسىر فاييۇم ئۆلكىسىدە 10-نويابىر كەچ (بېيجىڭ ۋاقتى 11-نويابىر سەھەر)ئىككى پويىز ئۆز ئارا سوقۇلۇپ كەتكەن. مىسىر سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە شۇ كۈنى ئاخشىمى ھۆكۈمەت تەرەپ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا نۆۋەتتە 38 ئادەم قازا قىلغان ۋە يارىلانغان.

  ۋەقە مىسىر پايتەختى قاھىرەنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن 100 كىلومېتىر كېلىدىغان فاييۇم ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن، فاييۇم مىسىردىكى داڭلىق «سۇ يۇرتى» بولۇپ، «مىسىرنىڭ ئاشلىق ئامبىرى»دېگەن نامى بار، مىسىر دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، 10-نويابىر كەچ سائەت 8:00لەر ئەتراپىدا (بېيجىڭ ۋاقتى 11-نويابىر سەھەر سائەت 3:00لەر ئەتراپىدا)، فاييۇمغا سىزلا ۋە ناسرىيە قاتارلىق ئىككى كەنتتىن كەلگەن پويىز سوقۇلۇپ كېتىپ، ئاز دېگەندىمۇ بەش ئادەم قازا قىلىپ، 33 ئادەم يارىلانغان، بۇلاردىن بىر قىسىملىرىنىڭ يارىسى ئېغىر ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مىسىردىكى ئالاقىدار تارماقلار 20دىن ئارتۇق قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چىقىرىپ يارىدارلارنى قۇتقۇزغان، 10نەچچە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى ئاجرىتىپ كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغان.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە